تالىبان 12 ئىشچىنى تۇتۇپ كەتتى

ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز ۋىلايىتى شىرخان باندار تاموژنىسىدا خىزمەت قىلىدىغان 12 ئىشچى تالىبان تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى.

207093
تالىبان 12 ئىشچىنى تۇتۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا تالىبان تاموژنىدا خىزمەت قىلىدىغان ئىشچىلارنى تۇتۇپ كەتتى. ۋەقە شىمالغا جايلاشقان قۇندۇز ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلدى. قۇندۇز ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى سەئىد سەرۋەر ھۈسەيىن، ئافغانىستاننىڭ تاجىكىستان چېگرا ئېغىزى ھېسابلىنىدىغان شىرخان باندار تاموژنىسىدا خىزمەت قىلىدىغان 12 ئىشچىنىڭ قۇندۇز – شىرخان باندار تاشيولىدا تالىبانلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتچى ساقچى فورمىسى كىيىۋالغان تالىبانلارنىڭ ئىشچىلارنى قۇندۇزدىكى دەشتى ئارچى ناھىيەسىگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ۋە ئىشچىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تالىبان ھازىرچە بۇ توغرىدا بايانات ئېلان قىلمىدى.
تالىبان بۇنىڭدىن تەخمىنەن 10 ئاي ئىلگىرىمۇ ھىرات ۋىلايىتىدە مېنا تازىلاش ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىدىغان 50 كە يېقىن ئىشچىنى تۇتۇپ كەتكەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر