`تۈركىيە – ئامېرىكا ئىنتايىن كۈچلۈك`

ئاق ساراي، بايدىننىڭ زىيارىىتنىڭ تۈركىيە – ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

205022
`تۈركىيە – ئامېرىكا ئىنتايىن كۈچلۈك`

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي، بايدىننىڭ زىيارىىتنىڭ تۈركىيە – ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنىست، كۈندىلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
جوش ئېرنىست، بايدىننىڭ تۈركىيە زىيارىتى توغرۇلۇق توختالغاندا، سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق ھاسىل قىلىنغۇسى بىردەكلىك، ئى ش ئى د گە زەربە بېرىش، ئاخىرىدا ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن ناھايىتى ئۇزۇن چېگرا لىنىيەسى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئېرنىست، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە ناھايىتى يۈكسەك سەۋىيەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەشتە تۈركىيە – ئامېرىكا دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك كېڭەشلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقيىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىشلىرى دىرېكتورى جېف راسكمۇ كۈندىلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، يۇقىرىدىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم، چەت ئەللىك تېررورىستلار، قانۇنسىز پۇل يۆتكەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنى تەربيەلەپ بېرىش، قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمدە ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەشتە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر