خىتايدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتاينىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خېبىي ئۆلكىسىدىكى بىر ھەربىي دوختۇرخانىدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يەتتە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

199512
خىتايدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چىڭخۇاڭداۋ شەھىرىنىڭ بېيدەيخې رايونىدىكى دوختۇرخانىنىڭ ئاياللار ياتاقخانىسىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا ئالتە ھەمشىرە بىلەن بىر كادىر ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر ھەمشىرە يارىلانغان.

جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بېيجىڭ ھەربىي رايونىغا جايلاشقان دوختۇرخانىدىكى ھۇجۇمدىن كېيىن لى فامىلىك 27 ياشلىق بىر گۇماندارنى تۇتۇپ نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ھۇجۇم توغرىسىدا ھازىرغىچە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

پايتەخت بېيجىڭغا 300 كىلومېتىردەك يىراقلىققا جايلاشقان بېيدەيخې شەھىرى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تەتىل ۋە رەسمىي يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۆپلەپ بارىدىغان بىر جاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئالاقىدار مەسئۇللار ۋەقە ئۈستىدە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر