مىسىر تۈرمىلىرىدە ئاچلىق ئېلان قىلىش باشلاندى

19 مىڭدىن ئارتۇق مەھبۇس 76 تۈرمىدە تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى باشلىدى.

198234
مىسىر تۈرمىلىرىدە ئاچلىق ئېلان قىلىش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى باشلاندى.
مىسىردا 19 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرغۇچى مەھبۇسلار 76 تۈرمىدە تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى باشلىدى.
ئاچلىق ئېلان قىلىشنى باشلىغان مەھبۇسلار سانىنىڭ 19 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
مەھبۇسلارنىڭ ئاچلىق ئىلان قىلىشتىن مەقسىتى «مەھبۇسلارغا قارىتىلغان سىياسىي سوراقلارنىڭ توختىلىشى، ھېچ قانداق جىنايىتى بېكىتىلمەي تۇرۇپ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، قېيىن - قىستاق، قانۇنۇنسىزلىق، پىسخىئولوگىيەلىك قىيناش قاتارلىقلارغا خاتىمە بېرىلىشى، كېسەللەر ۋە ياشانغانلارنىڭ كېرەكلىك تىببىي ياردەملەر بىلەن تەمىنلىنىشى، كىچىك بالىلارنى قانۇنسىز قولغا ئېلىش قىلمىشلىرىنىڭ دەرھال توختىلىشى»نى تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مەھبۇسلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىنىڭمۇ بۇ ھەرىكەتنى قوللاپ ئاچلىق ئىلان قىلغانلىقى ۋە جەمئىي 12 مىڭ 762 ئائىلىنىڭ مەھبۇسلار بىلەن تەڭ بىر ۋاقىتتا ئاچلىق ئىلان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر