ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا بىخەتەرلىك كىرىزىسى بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھەممىنىڭ دىققىتى غەربنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىگە بۇرالدى.

194106
ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا بىخەتەرلىك كىرىزىسى بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھەممىنىڭ دىققىتى غەربنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىگە بۇرالدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بۇ قېتىم ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر توغرۇلۇق تۈنۈگۈن بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىردى.
ياردەم تەلەپ قىلىپ بىريۇسسېلغا كەتكەن ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى پاۋلو كلىمكىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن موسكۋاغا «ئوچۇق سىگنال» بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئەنگىلىيەنىڭ «رۇسىيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي ئېمبارگونىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش» چاقىرىقى، پولشا ۋە بالتىق دۆلەتلىرىنىڭ سىرتىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ئەزالىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى، رۇسپەرەس بۆلگۈنچىلەرنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، مال – مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىپ قويۇش ۋە ساياھەت چەكلىمىسى قارارى ئېلىش بىلەنلا چەكلەندى. ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالى ۋەكىلى فېدېرىكې موغېرىنى، رۇسىيەنى ئېمبارگولار ئارقىلىق يېتىم قالدۇرۇش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. كىرىزىسنىڭ ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانىي جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ يامانلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن موغېرىنى، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇكرائىنادا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ ئىسلاھات باسقۇچىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. موغېرىنى، كىيېۋ ۋە موسكۋادا زىيارەتتە بولۇپ، ئىجابىي دىيالوگ باسقۇچىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، يىغىندا ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. موغېرىنى، «تىنچلىق باسقۇچىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنى قوللايمىز» دېدى.
تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى بىر ئىزدا توختاپ قالغان ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئولتۇراق مەھەللىسى بەرپا قىلىش قىلمىشلىرى داۋاملاشقانلىقى ئۈچۈن كىرىزىسنىڭ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان موغېرىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پەلەستىننى تولۇق ئېتىراپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا پەلەستىن دۆلىتىنىڭ چىقىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر