ئىسرائىلىيە-غەززە چېگرىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىقتى

ئىسرائىلىيە-غەززە چېگرىسىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىك بىر بالىغا ئوق چىقاردى.

192748
ئىسرائىلىيە-غەززە چېگرىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززە چېگرىسىغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 10 ياشلىق بىر پەلەستىنلىك بالا يارىلاندى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كىسسۇفىم رايونىدىكى بىخەتەرلىك سىمىغا يېقىنلاشقانلىقى سەۋەبىدىن ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئېغىر يارىلانغان 10ياشلىق پەلەستىنلىك بالىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى» قەيت قىلىندى.
نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى خان يۇنۇس شەھىرىنىڭ شەرقىدە چېگرا سىملىرىغا يېقىنلاشقان بىر بالىغا ئوق چىقارغان، ئارقىدىن يارىلانغان بۇ بالا ئىسرائىلىيەگە تەۋە ھەربىي تىكئۇچار بىلەن دوختۇرخانغا ئېلىپ كېتىلگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر