جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى سەل ئاپىتىگە دۇچ كەلدى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە شىددەتلىك ھۆل-يېغىن مەيدانغا كېلىپ سەل كەلتۈرۈپ چىقاردى.

180892
جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى سەل ئاپىتىگە دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى ناچار ھاۋا رايىغا قارشى كۈرەش قىلماقتا.ئارگېنتىنادا سەل ئاپىتى يۈز بېرىپ 2 ئادەم ئۆلدى.
پايتەخت بۇنوس ئەيرىس ۋە ئەتراپىدا شىددەتلىك ھۆل-يېغىن مەيدانغا كېلىپ سەل ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ رايونلاردا كۈندىلىك تۇرمۇش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. مىڭلارچە ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلدى.
پېرۇمۇ سەل ئاپىتىگە دۇچ كەلدى. خۇنۇكو رايونىدا شىددەتلىك ھۆل-يېغىن سەۋەبلىك كوچىلارنى سۇ بېسىپ كەتتى. ئالاقىدار مەسئۇللار سەل ئاپىتىدىن كېيىن رايوندا تاغ غۇلاپ چۈشۈش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى ئاگاھلاندۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر