ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا «ھەرىكەت كىرىزىسى» يۈز بەردى.

175916
 ئامېرىكا  بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا «ھەرىكەت كىرىزىسى» يۈز بەردى.
ئامېرىكىلىق بىر ئەمەلدارنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ توغرۇلۇق قىلغان گەپلىرى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سوغۇقچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چىقىدىغان «‹ The Atlantic › ژۇرنىلى»، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئامېرىكىلىق ئەمەلدارنىڭ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ توغرۇلۇق ھاقارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گەپلەرنى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
نېتانياھۇ، ژۇرنالغا نارازىلىق بىلدۈردى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى نېتانياھۇنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان كېرى، بۇنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر