ئى ش ئى د ئېبولا ۋىرۇسىدىن پايدىلانماقچىمۇ؟

ئىسپانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، بەزى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېبولا ۋىرۇسىنى غەربكە قارشى قوللانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

175015
ئى ش ئى د ئېبولا ۋىرۇسىدىن پايدىلانماقچىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېبولا ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ تارقالغان ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرى بولغان لىبېرىيەدە ئۆلۈم – يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە، ئېھتىياتچان بولۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئافرىقىغا ئېبولا ۋىرۇسىغا قارشى ئىزچىل ھەر خىل ياردەملەر ئەۋەتىلمەكتە. خىتاي دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىگە 820 مىڭ دوللار قىممىتىدە ياردەم ئەۋەتتى. ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى سېررالېئوندا سەھىيە خادىملىرىغا قوغدىنىش كىيىملىرىدىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدا تەلىم بەردى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئېبولا ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ غەربىي ئافرىقىغا سەھىيە خادىملىرى ئەۋەتىشكە توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىسپانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ئېبولا ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىسپانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋىرۇسنى غەربلىكلەرگە قارشى زەھەرلىك قورال قىلىپ پايدىلانماقچى ئىكەن. بىلدۈرۈلىشىچە، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) نىڭ ئەزالىرى، ئىنتېرنېتتە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى يازمىلارنى يېزىشقان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر