ئامېرىكا خىتاينىڭ ئافغانىستانغا بەرگەن ۋەدىسىنى قىزغىن قوللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاينىڭ غەرب ئەسكەرلىرى چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدىكى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان رولىغا يۇقىرى باھا بەردى.

174922
ئامېرىكا خىتاينىڭ ئافغانىستانغا بەرگەن ۋەدىسىنى قىزغىن قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ بۇ باياناتى، ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ خىتايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغان ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان بېيجىڭ ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە كەم ئۇچرايدىغان بىر مەدھىيە ھېسابلىنىدىكەن.

ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭنىڭ ئىراندىن تاكى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىلىرىگىچە بولغان بىر قاتار گىئوپولىتىك مەسىلىلىلەردىكى مۇناسىۋەتلىرى يىرىك بولسىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپ ئافغانىستاننى ئۆزلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك مەنپەئەتلىرى ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان نۇقتا، دەپ قارىماقتا.

بۈگۈن (30.10.2014) خىتاي ھۆكۈمىتى 2017- يىلىغىچە ئافغانىستانغا 327 مىليون دوللار بېرىشكە ۋەدە قىلدى، بېيجىڭ دائىرىلىرى تالىبان تۈزۈمى ئاغدۇرۇلغان 2001- يىلىدىن بۇيان ئافغانىستانغا 250 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى.

رويتېرز مۇخبىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر ئەمەلدارى، «يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئافغانىستان قارىشى پەۋقۇلئاددە ئۆزگەردى، بىز بۇنىڭغا ئىنتايىن ئىجابىي باھا بېرىمىز» دېدى.

جۈمە كۈنى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ بېيجىڭدا چاقىرىلغان ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك تۆتىنچى نۆۋەتلىك «ئىستانبۇل پىلانى» يىغىنىدا، خىتاي ئافغانىستاننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇ يەردىكى تىنچلىققا ھەمدەم بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىلىق دىپلومات، خىتاينىڭ ئافغانىستانغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ ئۇنىڭ رايوندىكى رولىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر