سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش داۋاملاشماقتا

ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار بىلەن بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىدلىب شەھەر مەركىزىدە قاتتىق توقۇنۇشلار يۈز بەردى.

172964
 سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش داۋاملاشماقتا.
ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار بىلەن بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىدلىب شەھەر مەركىزىدە قاتتىق توقۇنۇشلار يۈز بەردى.
ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن باشقا ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئورتاق ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە ئىدلىبتە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ قەلئەسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر قىسىم نىشانلارنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ شەھەرنى بومباردىمان قىلدى.
بومباردىماندىن كېيىن پۇقرالار تەرىپىدىن ۋىدېئوغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەر ۋەيرانچىلىقنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى سۈرەتلەپ بەرمەكتە.
ئىدلىب ئەتراپىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئۆكتىچىلەرنىڭ 2 تانكىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكى، 3 تانكا بىلەن كۆپ ساندا ھەربىي ئاپتوموبىللارنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، شەھەرنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك نۇقتىلىرىنىڭمۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى، بىراق بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ داۋاملىق بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقى خەۋەر بېرىلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر