خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى: بۇيرۇققا بويسۇنمىغان نامايىشچى قولغا ئېلىنىدۇ

خوڭكوڭدا بۇيرۇققا بويسۇنمىغان نامايىشچى قولغا ئېلىنىدۇ

173287
خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى: بۇيرۇققا بويسۇنمىغان نامايىشچى قولغا ئېلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭدا نامايىش ئورنىنى تەرك قىلماي ھۆكۈمەتكە قارشى ئىزچىل نامايىش ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان نامايىشچىلارنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ئۈچۈن سوتتىن رۇخسەت بېرىلدى.
ئون مىڭلارچە دېموكراتىيە تەرەپدارى خوڭكوڭ كوچىلىرىدا چېدىر قۇرۇشتى. 28-سىنتەبىردە باشلىغان نامايىشلاردا شامال ۋە سوغۇق ھاۋاغا پىسەنتمۇ قىلمىغان نامايىشچىلارغا ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن مۇداخىلە قىلدى. ھۆكۈمەت نامايىش ئورنىنى تەرك ئەتمەي تۇرۇۋالغان نامايىشچىلارنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن سوتتىن رۇخسەت ئالدى.
ئالاقىدار مەسئۇللار بۇيرۇققا بويسۇنمىغانلارنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. نامايىشچىلار خوڭكوڭدا 2017-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان رەئىسلىك سايلىمىدىن ئىلگىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامزاتلارنى نازارەت قىلىش ۋە سايلاملارغا چەكلىمە قويۇش پىلانلىرىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر