يەمەندە توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ 30 ئادەم ئۆلدى

يەمەندە ھۇسىلەر بىلەن قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ 30 ئادەم ئۆلدى.

172364
يەمەندە توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ 30 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىغا جايلاشقان ئەل بەيدا ۋىلايىتىدە ھۇسىلەر بىلەن رايوندىكى قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا كېلىپ چىققان توقۇنۇشتا كۆپىنچىسى ھۇسى مىلىتانى بولۇپ جەمئىي 30 كىشى ئۆلدى.
ئۇزۇندىن بۇيان ئەنسارۇس شەرىئا تەشكىلاتىنىڭ قولىدىكى مېناسىھ رايونىنىڭ تىزگىنىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئەنسارۇس شەرىئا تەشكىلاتى مىلىتانلىرى بىلەن ھۇسىلەر ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر