`تۈركىيە مۇھىم پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرماقتا`

مارى ھارف: تۈركىيە مۇھىم پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

166219
`تۈركىيە مۇھىم پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرماقتا`

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارى ھارف: تۈركىيە مۇھىم پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى مۇئاۋىن باياناتچىسى مارى ھارف، ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەشتە ئورتاق نىشان ۋە ئىستىراتېگىيەلەر مەسىلىسىدە تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ھارف، تۈركىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھ ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ھارف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ كوبانىغا ھاۋادىن يەتكۈزۈپ بېرىلگەن ھەربىي ئەسلىھەلەردىن ئى ش ئى د تەرىپىگە چۈشۈپ كەتكەن بىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇشىغا قارىماي، ئى ش ئى دنىڭ بۇنى قولغا چۈشۈرگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ۋىدېئونى ئۆزلىرىنىڭمۇ كۆرگەنلىكلىرىنى ئەمما بۇنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئىمكانىيەتلىرنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.
ئىنتېرنېت دۇنياسىنىڭ كۆپلىگەن ئىغۋاگەرلىكلەر ۋە خاتا مەلۇماتلار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان ھارف، «بۇ ۋىدېئومۇ مۇشۇ كاتېگورىيەگە كىرىدۇ، نۆۋەتتە بىز بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز» دېدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ھارف، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 46 مىڭ تانكا ئوق-دورىلىرى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار جاھاز، ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى ئىراققا سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىغانلقلىرىنى، بۇنىڭغا كېتىدىغان تەخمىنىي چىقىمنىڭ 600 مىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇنىڭ ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەشتە ئىراق ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، بۇ پىلاننىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 30 كۈنلۈك كۈچكە ئىگە قارارنامىسىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر