خىتاي تاراتقۇلىرى: نامايىشچىلار باشقىلارنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇق

خىتاي تاراتقۇلىرى خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنىڭ باشقىلارنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

166898
خىتاي تاراتقۇلىرى: نامايىشچىلار باشقىلارنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاراتقۇلىرى خوڭكوڭدا دېموكراتىيەنى قوللاپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنى كۆپتۈرۈپ خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە، نامايىشچىلارنىڭ باشقىلارنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتايدا ئىنگىلىزچە چىقىدىغان كۈندىلىك گېزىت بولغان يەر شارى ۋاقىت گېزىنىڭ بۈگۈنكى باش سەھپىسىدە خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىگە قارشى باشقا ھەرىكەتلەر بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
گېزىتتە «كوچىلارنى ئىشغال قىلىۋېلىش قىلمىشلىرىنىڭ كەينىدە سىرتقى كۈچلەرنىڭ بارلىقى ناھايىتى روشەن. تىبەت، ئۇيغۇر ۋە تەيۋەن قاتارلىق بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئۆكتىچىلەر خىتاي ھاكىمىيەت تۈزۈمىگە قارشى چىقىپ، خوڭكوڭدىكى نامايىشلارغا ئاستىرىتتىن يېتەكچىلىك قىلماقتا.»
يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ رەسمىي مەتبۇئات ئورگىنى خەلق گېزىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار. گېزىتتە ئورۇن ئالغان بۇ ئانالىزلەر خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون باش رەئىسى لىيۇڭ چۇن يىڭنىڭ چەتئەل كۈچلىرىنىڭ نامايىشلارنى تېخىمۇ ئۇلغايتقانلىقىغا دائىر باياناتلارنى بېرىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەھبەرلىرى خىتاينىڭ 2017-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان رەئىسلىك سايلاملىرىدا نامزاتلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قارارىدىن ۋاز كەچمىگەن ئەھۋالدا نامايىشلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر