ئوباما بىلەن كېرى تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى، ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشتى.

165004
 ئوباما بىلەن كېرى تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى، ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشتى.
تېلېفون ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەمراھى ئىكەنلىكى ھەم ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئىچىدە ھالقىلىق رول ئويناۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ھەپتە ئاخىرىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى مۇئاۋىن باياناتچىسى مارى ھارف، ئۇچرىشىشتا، كوبانى دەپمۇ ئاتىلىدىغان ئەيىن ئەل ئەرەب رايونىنىڭ ۋەزىيىتى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى. باياناتقا كۆرە، ئوباما رايوندىكى قوراللىق كۈچلەرگە زاپاس قىسىملار ئارقىلىق ياردەم بېرىلىشى مەسىلىسىدە ئەردوغانغا مەلۇمات بەرگەن. دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرىمۇ تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ، ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان گۇرۇپپىلارغا ھاۋا ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. ھارف، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «PYD نىڭ PKK غا ئوخشاشلا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى» گە مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرى توغرۇلۇق سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، PYD بىلەن PKK نىڭ ئايرىم گۇرۇپپىلار ئىكەنلىكىنى، PYD نىڭ ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالمىغانلىقىنى قەيت قىلدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر