كوبانىغا ھاۋادىن ياردەم قىلىندى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كوبانى شەھىرىدە ئى ش ئى د غا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۈرت گۇرۇپپىلىرىغا ياردىمى قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ كوبانى شەھىرىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) غا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۈرت (كورت) لەرگە قورال ۋە باشقا ياردەم ئەشيالىرى تاشلاپ بەردى.
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئېلان قىلغان باياناتتا، قورال ياردىمى ئارقىلىق كوبانىدە ئى ش ئى د غا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۈرت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىزچىل قارشىلىق كۆرستىشىنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ئەنقەرەگە ئالدىنئالا خەۋەر قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ئىزچىل تۈردە كوبانىدىكى ئى ش ئى د نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلىۋاتقان بولۇپ، ھەپتە ئاخىرى 11 قېتىم بومباردىمان قىلىندى. سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى تەمىنلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شەنبە كۈنى (18 – ئۆكتەبىر) 31 ئى ش ئى د ئەزاسى ئۆلگەن.