خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى: ۋەقەلەرنىڭ كەينىدە «تاشقى كۈچلەر» بار

خوڭكوڭدا دېموكراتچىلارنىڭ نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا.

164118
خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى: ۋەقەلەرنىڭ كەينىدە «تاشقى كۈچلەر» بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايغا قاراشلىق خوڭكوڭدا دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا.
رەئىس نامزاتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىغا خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆزلىرى بېكىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان نامايىشچىلار ئۈچ ھەپتىن بۇيان نامايىش ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. نامايىشچىلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە مايىل سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئاپتونوم رايون رەئىسى لىيۇڭ چۇن يىڭنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
خوڭكوڭ رەئىسى ۋەقەلەرنىڭ كەينىدە «تاشقى كۈچلەر»نىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ قاراشنى قەتئىي رەت قىلغان نامايىشچىلار، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنى دېموكراتىك نامايىشلارنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كېلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2017-يىلى خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا ئوچۇقتىن نامزات بولۇش ئۇسۇلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنىدى.
بۇ ئارىلىقتا ۋەقەلەردىن كېيىن ھاكىمىيەت بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن دىئالوگنى قايتىدىن باشلاشنى قارار قىلدى. خوڭكوڭ ھاكىمىيىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى ئەتە ئۇچرىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر