خىتاي مەركىزىي سىياسىي بىيۇرو يىغىنى ئېچىلدى

دۇنيادا ئەزاسى ئەڭ كۆپ بولغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى 20 –ئۆكتەبىر بېيجىڭدا باشلاندى.

163905
خىتاي مەركىزىي سىياسىي بىيۇرو يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ تۆت كۈن ئېچىلىدىغان يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپ ماددىسى «ئىجتىمائىي ئادالەتنى ئومۇملاشتۇرۇش» ۋە «قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى» بولۇپ بېكىتىلدى. خوڭكوڭدىكى نامايىشلار تېخىمۇ ئۇلغىيىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن يىغىندا، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن ئۈستۈنلۈكى تەكىتلىنىدىغان قارارلارنىڭ ئېلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھاكىمىيەتتىن چىقىرىۋېتىلگەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغان مەركىزىي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ يوڭكاڭ مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان جۇ يوڭكاڭ، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە چېتىلىپ قالغان ئىدى.
خىتاي كوممۇنىسقتىك پارتىيەسىنىڭ بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن ئېچىلغان قۇرۇلتىيىدا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت، خىيانەتچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، يېزا خەلقىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق شوئارلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر