ئىراقتا 17 نەپەر ئى ش ئى د مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

ئىراقتا 17 نەپەر ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى.

162498
ئىراقتا 17 نەپەر ئى ش ئى د  مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا 17 نەپەر ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى.
ئامېرىكا باشچىلىقىدا تەشكىل قىلىنغان خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئىراقتا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 26 مىلىتاننىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇسۇلدىكى ئەل-جۇمھۇرى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرىدىن ۋەلىد جاسىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زۇممار ناھىيەسىگە يېقىن جايدا ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملاردىن كېيىن، دوختۇرخانىغا 17 نەپەر ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانىنىڭ جەسىتى بىلەن يارىلانغان 26 مىلىتان ئېلىپ كېلىنگەن.
دىيالا ۋىلايىتىگە قاراشلىق باكۇباغا جايلاشقان ئەت-تايې يېزىسىغا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردىمۇ 28 نەپەر ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانى ئۆلدى.
ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى باشچىلىقىدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئىيۇندا مۇسۇل قاتارلىق بەزى رايونلارنىڭ تىزگىنىنى قولغا كىرگۈزۈشىدىن كېيىن، ئارمىيە بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرگە تەۋە ھاۋا قىسىملىرىمۇ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تىزگىنى ئاستىدىكى بازىلارغا ھۇجۇملار قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر