ئى ش ئى د قان تۆكۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىراقتا ئى ش ئى د تېررورلۇق تەشكىلاتى قان تۆكۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

161633
 ئى ش ئى د قان تۆكۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا ئى ش ئى د تېررورلۇق تەشكىلاتى قان تۆكۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
باغداد ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىدا 23 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئى ش ئى د تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈنۈگۈنكى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىنىڭ دەسلەپكى نىشانى پايتەخت باغدادنىڭ شەرقىي قىسمى ئىدى.
بالادىيات رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم 13 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى.
باغدادنىڭ شىمالىدىكى ئادمىيە رايونىدىكى ھۇجۇمدا بولسا 5 كىشى قازا قىلدى.
ئى ش ئى د تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر ھۇجۇمىنىڭ ئادرېسى كەررەدە رايونى بولۇپ، ھۇجۇمدا 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، كەم دېگەندە 50 كىشى يارىلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر