خىتاي ھۆكۈمىتى (BBC)نىڭ تور بېتىنى تاقاپ قويدى

ساقچىلار نامايىشچىلارنى ئۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى خەلقنىڭ كۆرۈشىنى خالىمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال (BBC)نىڭ تور بېتىنى چەكلەنگەن تور بەتلەر تېزىملىگە كىرگۈزدى.

161944
خىتاي ھۆكۈمىتى (BBC)نىڭ تور بېتىنى تاقاپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى (BBC)نىڭ تور بېتىنى چەكلىدى.
(BBC) چارشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىر نامايىشچىنى ئۇرۇپ، تېپىپ قېيناۋاتقان كۆرۈنىشىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى (BBC)نىڭ تور بېتىگە چەكلىمە قويدى.
خەلقنىڭ بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشىنى خالىمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى، دەرھال (BBC)نىڭ تور بېتىنى چەكلەنگەن تور بەتلەر تېزىملىگە كىرگۈزدى. 2010 – يىلى يانۋار ئېيىدىن بۇيان (BBC)نىڭ تور بېتى خىتايدا تۈنجى قېتىم تاقىلىپ قالغان بولدى.
(BBC)نىڭ تاشقى خەۋەرلەر مۇدىرى پېتېر ھورروكس «بىز (BBC) بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خەۋەر ۋە مەلۇمات ئىگەللەش ئەرگىنلىكىگە چەكلىمە قويىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرىمىز ۋە خىتاي مەسئۇللىرىنى بۇ ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دەپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر