«تۈركىيە ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ»

ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

157418
«تۈركىيە ئى ش ئى د گە قارشى كۈرەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەدىكى ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن مۇزاكىرىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئاق ساراي بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەش ئىستىراتېگىيەسىدە تۈركىيە بىلەن ھېچقانداق پىكىر ئوخشىماسلىقىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشتە كوبانىدىكى قورشاۋنى تۈگىتىدىغان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ بولماسلىقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.»
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىيمۇ تۈركىيەنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشلەردە ئوينايدىغان رولىنى تەكىتلىدى. كېررىي تۈركىيەنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى، قانداق رول ئېلىشنى تۈركىيەنىڭ ئۆزى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جون كېررىي رۇسىيە بىلەنمۇ «ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى ھەققىدە ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇش»نى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر