خوڭكوڭ خەلقى يەنە چوڭ نامايىش باشلىدى

خوڭكوڭ خەلقى يەنە كوچىلارغا قاراپ ئاقتى.

152899
خوڭكوڭ خەلقى يەنە چوڭ نامايىش باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭ خەلقى يەنە كوچىلارغا قاراپ ئاقتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشچىلار بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرىلەرنى كېچىكتۈرۈش قارارى ئالغاندىن كېيىن 30 مىڭدىن ئارتۇق خوڭكوڭ پۇقراسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك نامايىش ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ كوچىلارغا قاراپ ئاقتى.
نامايىشچىلار ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلىشىپ خوڭكوڭ رەھبىرى سايلىمىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلاشماسلىقى لازىملىقىنى تەلەپ قىلدى.
خوڭكوڭ خەلقى نامايىشنىڭ سېمۋوللۇق رەڭگىگە ئايلانغان قارا رەڭلىك مايكىلارنى كېيىشىپ، سېرىق رەڭلىك لېنتىلارنى تاقىشىۋالغان ئىدى.
مەيداندىكى بۇ قېتىمقى يېغىلىشنىڭ نامايىش رەھبەرلىرى ھۆكۈمەتنىڭ شەرتلىرىنى مۇزاكىلىرىشنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يىغىلىش بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
بىر ھەپتىدىن بۇيان كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان بىر قانچە يۈزلىگەن نامايىشچى، ئاساسلىق نامايىش مەركىزىي بولغان "ئادمىرالىتى" ۋە "موڭكوك" مەيدانلىرىدا ئۈزلۈكسىز نامايىش قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن كاررې لام، مۇزاكىرىلەرنىڭ ئاجابىي نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى ئويلاشقانلىقى ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان مۇزاكىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بۇنى ئاڭلىغان نامايىشچىلار تۈنۈگۈن كەچتە خوڭگوڭ خەلقىنى ئومۇمىيۈزلۈك نامايىشقا چاقىرىق قىلدى.
27 - سېنتەبىردە نامايىشلار باشلانغاندىن بۇيان خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئۆز رەھبىرىنى ئۆزى سايلىشىغا ئارىلىشىۋالماسلىقى لازىملىقىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ 2017 - يىلى ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان سايلامدا ئۆز رەھبىرىنى ئۆزى سايلىسا بولىدىغانلىقىنى بىراق نامزاتلارنىڭ چوقۇم بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر