«ئامېرىكىنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنى نېفىتلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكى»

جېن پساكى: «ئامېرىكىنىڭ ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان نىشانى نېفىتلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىدۇر» دېدى.

150724
«ئامېرىكىنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنى نېفىتلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جېن پساكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ كوبانى ناھىيەسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) نىڭ تەھدىتى ۋە كوبانى مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گېنېرال ئاللېن ۋە باش ئەلچى گۇركنىڭ زىيارىتىدە بۇ مەسىلىلەرنىڭ داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «تۈركىيە بىرلەشمە قىسىمنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى قارار قىلدى. بۇ توغرىدا سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ھېچكىممۇ كوبانىنىڭ قولدىن كېتىشىنى خالىمايدۇ. ئى ش ئى د نىڭ بىخەتەر رايونغا ئىگە بولۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرىدۇر.»
جېن پساكى بۇ جەھەتتە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلارنىڭ ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنغان جايلاردا نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى بولغان نۇقتىلارنىڭ كونتروللۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر