ئى ش ئى د باغدادقا كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ئەينۇلئەرەب شەھىرىگە خېلىلا يېقىنلىشىپ قالدى. قوراللىق كورد گۇرۇپپىلار بەزى جايلاردىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوردلار ئەينۇلئەرەبتە كوچا ئۇرۇشىنى باشلاشقا تەييارلىق قىلماقتا. ئىراقتا بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى باغدادقا كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ شەھەرگە بىر يېرىم كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.
ئەنبار ۋىلايىتىدە بولسا، ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنىڭ ھىت شەھىرىنىڭ %90 ىنى ئېلىپ بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئىراقلىق كورد مەنبەلەر، توقۇنۇشلاردا ئىران ئەسكەرلىرىنىڭمۇ ئىراق ئارمىيەسىگە ياردەم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن، دانىيە رايونغا 7 ئۇرۇش ئايروپىلانى يوللاش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى دەتالاشلار سەۋەبىدىن پارلامېنتتا ئاۋازغا قويالمىدى.
فىرانسىيە بولسا، رايونغا 3 زاپاس ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن بىر ئۇرۇش پاراخوتى يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە رايوندا 6 ئۇرۇش ئايروپىلانى بار بولغان فىرانسىيە، ھازىرغىچە پەقەت ئىككى قېتىملا ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمىغا قاتناشتى.