ئەنگلىيە، ئى ش ئى د گە قېتىلغان پۇقرالىرىنى «دۈشمەن» ئېلان قىلدى

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ديېۋىد كەمېرون، ئىراق ۋە سۈرىيەگە ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى سېپىدە ئۇرۇش قىلىشقا كەتكەن پۇقرالىرىغا خىتاب قىلىپ، «سىلەر بىرلەشمە خانلىقنىڭ دۈشمىنى» دېدى.

147470
ئەنگلىيە، ئى ش ئى د گە قېتىلغان پۇقرالىرىنى «دۈشمەن» ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ بىرمىڭھام شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىنىدا سۆز قىلغان كەمېرون، بىرلەشمە خانلىقنى ئامان – ئېسەن تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قوللىرىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە بىرلەشمە خانلىقتىن سۈرىيە ۋە ئىراققا ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى سېپىدە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كەتكەن ئەنگلىيە پۇقرالىرىغا خىتاب قىلدى. كەمېرون، «سۈرىيەنى، ئىراقنى ساياھەت قىلماقچى بولساڭلار، سىلەرنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن سالاھىيىتىمىز دائىرىسىدىكى ھەممە ئىشنى قىلىمىز. پاسپورتلىرىڭلارنى مۇسادىرە قىلىمىز، ھۆكۈم كېسىمىز ۋە ئەگەر نۆۋەتتە رايوندا بولساڭلار، ئۇ ھالدا ئەنگلىيەگە قايتىشىڭلارغا توسقۇنلۇق قىلىمىز. سىلەر ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتىگە قېتىلىش ئارقىلىق قايسى سەپتە ئىكەنلىڭىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار» دېدى.

بىرلەشمە خانلىقتىن 500 ئەتراپىدا كىشىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى سېپىدە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كەتكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر