مىسىردا ئارمىيە سىستېمىلىق ۋە قەستەن ئەجەللىك كۈچ ئىشلەتتى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، مىسىردا مۇھەممەد مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرنىڭ 2013 - يىلقى ئولتۇرۇش نامايىشىدا ساقچىلار بىلەن ھەربىي قىسىملارنىڭ، قەستەن ۋە سىستېمىلىق ئەجەللىك تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلەتكەنلىكىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

147378
مىسىردا ئارمىيە سىستېمىلىق ۋە قەستەن ئەجەللىك كۈچ ئىشلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا ئارمىيە سىستېمىلىق ۋە قەستەن ئەجەللىك كۈچ ئىشلەتتى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، مىسىردا مۇھەممەد مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرنىڭ 2013 - يىلقى ئولتۇرۇش نامايىشىدا ساقچىلار بىلەن ھەربىي قىسىملارنىڭ، قەستەن ۋە سىستېمىلىق ئەجەللىك تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلەتكەنلىكىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەشكىلات تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «2014 - يىلى 12 - ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنغان تەشكىلات دوكلاتى، مىسىر دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى سادىر قىلغان جىنايەتلەرنىڭ ئىنسانيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتلەر كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغانلىقىغا قارىتا دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا» دېيىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، مىسىردىكى قەتلىئاملار توغرۇلۇق ھازىرلانغان دوكلات ھەققىدە جامائەتچىلىككە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن قاھىرەگە كەتكەن تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى دىكرېكتورى كېنىس روس بىلەن ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا ئىشلىرى دىرېكتورى ساراھ لىئې ۋىتسېننىڭ مىسىرغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر