ئافغانىستاندا پىرېزىدېنت ئالماشتى

ئافغانىستاندا سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئەشرەف غېنى ئەھمەتزائى پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ھامىد كارزايىدىن تاپشۇرۇۋالدى.

143978
ئافغانىستاندا پىرېزىدېنت ئالماشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەھمەتزائى قەسەم بېرىپ، ئافغانىستاننىڭ رەسمىي يېڭى پىرېزىدېنتى بولدى. ۋەزىپە تاپشۇرۇپ بېرىش ۋە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مۇئاۋىن باش مىنىستىر بۈلەنت ئارىنچ قاتناشتى. بۇنىڭدىن باشقا، پاكىستان پىرېزىدېنتى مەمنۇن ھۈسەيىن، ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى، ھىندىستان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە ئافغانىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قاتناشتى.
مۇراسىمدا پىرېزىدېنت ئەھمەتزائىدىن باشقا، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ھەمدە ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىسىمۇ قەسەم بەردى.
ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىككى تەرەپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ. كېلىشىم دائىرىسىدە، ئامېرىكا «تېررورلۇققا قارشى ھەربىي ھەرىكەت» ئېلىپ بېرىش ۋە ئافغانىستان ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن بۇ يىل ئاخىرىغىچە كىچىك ھەربىي قىسىم قالدۇرسا بولىدۇ. بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەر 2012 – يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتىكى پىرېزىدېنت ھامىد كارزايى كېلىشىم تۈزۈشنى رەت قىلىپ، سايلامدىن كېيىنگە قالدۇرۇپ قويغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر