ئابباس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خىتاب قىلدى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىگە خىتاب قىلدى.

141479
 ئابباس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىگە خىتاب قىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندا غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر ھەققىدە توختالغان ئابباس، «ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆز ئالدىدا غەززەگە ئېلىپ بارغان بۇ ھۇجۇملىرى ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ» دېدى. ئابباس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ بۇ يىلنى پەلەستىن بىلەن ھەمكارلىشىش يىلى ئېلان قىلغانلىقىنى، بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ يىلنى پەلەستىن خەلقىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش يىلىغا ئايلاندۇرۇش يولىنى تاللىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىسرائىلىيە سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى باھانىسى بىلەن يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئابباس، ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ جازاسىز قېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى. غەززە رايونىنىڭ 2 مىليونغا يېقىن پەلەستىنلىك ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تۈرمىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئابباس، قورشاۋنىڭ دەرھال بىكار قىلىشى لازىملىقىنى ئاگاھلاندۇردى. تارتىۋاتقان ئازاب - ئوقۇبەت ۋە غەزەپ - نەپرەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ھەرگىزمۇ ئىنسانىي قىممەت ئۆلچەملىرىدىن ۋازكەچتۈرەكمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئابباس، قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر داۋاملىق خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانىي قىممەت ئۆلچەملىرى پىرىنسىپىنى بويلاپ ماڭىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئابباس، ئىسرائىلىيە قەتلىئاملىرى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلغان ھەممىگە، غەززە خەلقىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى نامايەن قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر