ئى شى ئى د غا جاۋاب بېرىش كېرەك

ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن ئومۇمىي كېڭەشتە، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا خەلقئارالىق جاۋاب بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

137796
ئى شى ئى د غا جاۋاب بېرىش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى بان كىمۇن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) ۋە باشقا ئاشقۇن تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە ئاشكارا تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇ تەھدىتكە قارشى خەلقئارالىق كۆپ تەرەپلىمىلىك جاۋاب بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى 69 – نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، 2013 – يىلى سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان ب د ت دا سادا پەيدا قىلغان ۋە ھەل قىلىش چارىسى ئىزدىلىۋاتقان دۇنياۋى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى. ئۇ ب د ت كېلىشىملىرى قوغدايدىغان قىممەت – ئۆلچەملەر نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئەڭ مەغلۇبىيەتلىك بىر يىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سوغۇق ئۇرۇشنىڭ كۆلەڭگىسى قايتىپ كەلدى» دېدى. ئۇ ئەرەب باھارىنىڭ تەتۈر يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى ۋە سۈرىيە بىلەن ئىراقتا كۈنسېرى «بەربەرلىكنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى» نى قەيت قىلدى.
ئۇ غەربىي ئافرىقىدا 2 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ئېبولا كېسەللىكى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ ئېبولا ۋىرۇسى توغرىسىدا خاتا ئۇچۇرلار ۋە قورقۇنچ پەيدا قىلىشقا قارشى كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئاخىرىدا، كىلىمات ئۆزگىرىشى ھەققىدە توختىلىپ، بۈگۈن مۇھىم تەدبىرلەر يولغا قويۇلمىغان تەقدىردە ئەتە بۇنىڭدىن تېخىمۇ چوڭ بەدەل ئۆتەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر