ب د ت، ئى ش ئى د غا قارشى ئىجرائىيە كۈچىگە ئىگە قارار ماقۇللىدى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى (ئى ش ئى د) ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى.

137911
ب د ت، ئى ش ئى د غا قارشى ئىجرائىيە كۈچىگە ئىگە قارار ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنىدا، ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارانىڭ خەۋپسىزلىك ۋە تىنچلىقىغا بارغانچە كۈچلۈك خەۋپ پەيدا قىلغانلىقىغا دائىر مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىندا، چەت ئەللىك تېررورچى جەڭچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش توغرىسىدا تەييارلانغان قارار لايىھەسى بىردەك قوبۇل قىلىندى. مەزكۇر قارار لايىھەسى ئارقىلىق بۇ خىل تەشكىلات ياكى گۇرۇپپىلارنىڭ تەرەپدار توپلاش ۋە ئىقتىسادىي مەنبە بىلەن تەمىنلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قېتىلماقچى بولغانلارنىڭ قالايمىقانچىلىق بار دۆلەتلەرگە ساياھەت قىلىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان قارار لايىھەسى ئىجرائىيە كۈچىگە ئىگە بولۇپ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ رىئايە قىلىشىغا توغرا كېلىدىكەن. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ، قارارغا رىئايە قىلمىغان ئەللەرگە ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ياكى كۈچ ئىشلىتىش ھوقۇقى سالاھىيىتى بار ئىكەن.

بۇ جەرياندا، قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىر قىسىم كىشى ۋە تەشكىلاتلارنى ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى، نۇسرە فىرونتى، ئەلقائىدە ۋە جامائەتى ئىسلامىييەگە ياردەم قىلغان، دەپ قاراپ، تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر