ئامېرىكا ئى ش ئى د نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى

135567
ئامېرىكا ئى ش ئى د نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جون كىربى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ سۈرىيەدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، بومباردىمانچى ئايروپىلانلار ۋە ئاي پالتا ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سنارەدلەر بىلەن زەربە بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھۇجۇم قارارىنىڭ ئامېرىكا مەركىزى قومانداشلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر