ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىران بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن خەلقئارالىق بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرى ۋە تەشكىلاتقا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئىران بىلەن ئورتاقلاشمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

135671
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىران بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىران بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن خەلقئارالىق بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرى ۋە تەشكىلاتقا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئىران بىلەن ئورتاقلاشمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئۆرنىست، كۈندىلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، ئىرانلىق بىر ئەمەلدارنىڭ، تېھراننىڭ ۋاشىنگىتوننىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى خەلقئارالىق بىرلەشمە ئامىيەنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىنى قوللاش، بۇنىڭ بەدىلىگە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن يادرو پىروگراممىسى مەسىلىسىدە ئىرانغا تېخىمۇ ئوچۇق - يورۇق بولۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ئامېرىكىنىڭ بۇنداق بىر تەكلىپنى قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
باياناتچى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر ھەربىي پائالىيىتىدە ئىران بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى ھەم ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنىمۇ ئورتاقلاشمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۆرنىست مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىران بىلەن يادرو پىروگراممىسى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى مەسىلە بىر - بىرىگە تامامەن ئوخشىمايدۇ؛ 5+1 دۆلەتلىرى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا قارىتا ئەندىشىلىرى يوقالغانغا قەدەر مۇزاكىرىلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر