«ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالدى»

ناتو: «ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالدى».

134411
«ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلاتنىك ئەھدى تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال فىلىپ بىرېدلوۋ، لىتيانانىڭ پايتەختى ۋىلنىيۇستا ناتو قوماندانلىرى يىغىنىدىن كېيىن سۆز قىلىپ، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچى كۈچلەر ئارىسىدا ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ «قەغەز ئۈستىدە» قالغانلىقىنى ئېيتتى.
بىرېدلوۋ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ بۇرۇنقىدىن قىلچىمۇ پەرقى يوقلىقىنى، بىراق يەنە 5-سىنتەبىردە ئىمزالانغان كېلىشىمدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ناتو بالتىق دۆلەتلىرى بولۇپ، رۇسىيە بىلەن چېگرىداش بولغان دۆلەتلەردىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر