ئامېرىكا لىبېرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتتى

ئامېرىكا ۋىرۇس خەۋىپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان لىبېرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتتى.

134371
ئامېرىكا لىبېرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئېبولا ۋىرۇسى كەڭ تارقالغان لىبېرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىدۇ.
جۈمە كۈنى 7 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى پايتەخت مونروۋىياغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ھەپتە ئاخىرىمۇ 45 كىشىلىك ئىككى ھەيئەت لىبېرىيەگە يېتىپ كەلدى.
ئامېرىكا لىبېرىيەگە جەمئىي 3000 ئەسكەر ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا. ئەسكەرلەر ئىچىدە ئىنژىنېرلار بىلەن دوختۇرلامۇ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئامېرىكا ئەسكەرلىرى كېسەللەر بىلەن بىرمۇ بىر ئالاقە قىلمايدۇ.
لىبېرىيە ھۆكۈمىتى پايتەخت مونروۋىيادىكى ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردىكى كارىۋات سانىنى، كېلەر ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 4 ھەسسىگە يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
لىبېرىيەدە بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە نەچچە ھەسسە كۆپەيگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر