ئامېرىكا سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە ياردەم قىلىدىغان بولدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە ياردەم قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىدى.

130265
ئامېرىكا سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە ياردەم قىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسى سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرگە ھەربىي تەلىم بېرىش ۋە قوراللاندۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئىستراتېگىيىسى دائىرىسىدە سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەر قوراللاندۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھەربىي تەلىم بېرىلىدۇ.

ئامېرىكا مەجلىسىگە تەقدىم قىلىنغان تەخمىنەن 550 مىليون دوللار چىقىم كېتىدىغان لايىھە ھەققىدە ئالىي پالاتاغا قاراشلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا سۆز قىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، «ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مەغلۇب قىلىنىشى كېرەك» دېدى. جون كېررىي پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ سۆزىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، «ئامېرىكا قىسىملىرى جەڭچى ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتادا 156گە قارشى 273 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى. باراك ئوباما قانۇن تەكلىپى ماقۇللانغاندىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، لايىھەنى قوللىغان بارلىق ئاۋام پالاتا ئەزالىرىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

باراك ئوباما سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرگە ھەربىي تەلىم بېرىش ۋە قوراللاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىگە تولۇق ھوقۇق بېرىلىشىنى مەزمۇن قىلغان قانۇن تەكلىپىنىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە مۇھىم قەدەم تاشلىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

باراك ئوباما، بۇ قېتىمقى ياردەم تۈرتكىسىدە سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ كىرىزىسكە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىمۇ قوغداپ قالالايدىغانلىقلىرىنى، شۇنداقلا سۈرىيەدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قاتتىق زەربە بېرەلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە ھەربىي تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەگە كىرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئېيتقان ئوباما، تەلىم تەربىيە پىروگراممىسىنىڭ رايون دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا سۈرىيەنىڭ سىرتىدا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ سەئۇدى زېمىنىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن چىنىقتۇرۇلۇشىنى قوبۇل قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر