ئامېرىكا ئېبولا ۋىرۇسى توغرۇلۇق ب د ت نى يىغىنغا چاقىردى

ئامېرىكا ئېبولا ۋىرۇسى بويىچە ب د ت نى جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

128068
ئامېرىكا ئېبولا ۋىرۇسى توغرۇلۇق ب د ت نى يىغىنغا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، غەربىي ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى ئېبولا يۇقۇملۇق ۋىرۇسىنىڭ مۆلچەردىكىدىنمۇ كۆپ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سىنتەبىر ئېيى نۆۋەتچى رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى سامانتا پاۋۇر، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، غەربىي ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى ئېبولا تەھدېتى سەۋەبلىك ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى 18-سىنتەبىردە جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
«ئېبولا ھازىرقى تەخمىنلەردىنمۇ كۆپرەك كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن پاۋۇر، بۇ ئەھۋالنىڭ غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ب د ت تۈزۈمى دائىرىسىدە خەلقئارانىڭ تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسى بولغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىشى كېلىشى، ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدېت شەكىللەندۈرۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىغا دائىر ئانالىزلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا سەۋەب بولماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر