ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلىگە ياردەم

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر، سۈرىيەلىك مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرگە تەلىم - تەربىيە ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەر جەھەتتىن ياردەم بېرىش مەقسىتىدە پىرېزىدېنت باراك ئوباماغا ھوقۇق بېرىش توغرۇلۇق قانۇن چىقىرىشقا تىرىشماقتا.

127445
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلىگە ياردەم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلىگە ياردەم.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر، سۈرىيەلىك مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرگە تەلىم - تەربىيە ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەر جەھەتتىن ياردەم بېرىش مەقسىتىدە پىرېزىدېنت باراك ئوباماغا ھوقۇق بېرىش توغرۇلۇق قانۇن چىقىرىشقا تىرىشماقتا.
ئاۋام پالاتاسى قوراللىق قىسىم خىزمەتلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جۇمھۇرىيەتچى باك مېكىئېن تەرىپىدىن ھازىرلانغان 7 سەھىپىلىك قانۇن تەكلىپى، سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە ياردەم مەسىلىسىدە ئوباما ھاكىمىيىتىگە چەكلىمىسىز ھوقۇق بېرىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان پالاتا ئەزالىرىنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن بىرقاتار چەكلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۆلچەرلىنىشىچە، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش مەسىلىسىدە قوشۇمچە سايلاملار تاماملانغانغا قەدەر تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىر قانۇن تەكلىپىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشم ئېھتىمالى يوق ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر