ئافغانىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى

ئافغانىستاندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاپتومۇبىللىرىغا ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى.

127898
ئافغانىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى

ئافغانىستاندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاپتومۇبىللىرىغا ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى.
پايتەخت كابۇلدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئەلچىخانىسىغا يېقىن جايدا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 3 نەپەر ناتو ئەسكىرى ئۆلدى. 13 پۇقرا يارىدار بولدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاپتومۇبىللىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇم ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بىلەن كابول ئايرودورومى ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش زىچ بولىدىغان بىر جايدا يۈز بەردى.
ھۇجۇمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
ئافغانىستاندا يېقىندىن بۇيان تالىباننىڭ ھۇجۇملىرى يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئافغانىستان ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرى كەڭ دائىرىلىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر