ئىراقتا پۇقرالارغا ئوق چىقارماسلىققا بۇيرۇق بېرىلدى
ئىراق باش مىنىستىرى ئابادى پۇقرالارغا ئوق چىقارماسلىققا يوليۇرۇق بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل ئابادى، ئىراق ئارمىيەسىگە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى توختىتىشقا يوليۇرۇق بەردى.
ئابادى سۈننىي قەبىلىلەرنىڭمۇ بومباردىمان قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر نارازىلىقلارغا قارىتا بۇ قارارنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئابادى تېخىمۇ كۆپ بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولماسلىقى ئۈچۈن، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بۇ يوليۇرۇقنى بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئىراق باش مىنىستىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنى خەلقتىن قالقان سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كېلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. ھاۋا ھۇجۇملىرى توختىتىلغان تەقدىرمۇ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئابادى، «ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ئادداققىچە قوغلايمىز» دېدى.
سۈننىي قەبىلىلەر يېڭى ھۆكۈمەتنى قوللاش ئۈچۈن، پۇقرالارنىڭ قەتلى قىلىنىۋاتقانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشىنى شەرت قىلغان ئىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراقتا مۇسۇل سۇ ئامبىرىغا يېقىن جايدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا تەۋە بازىلارغا 2 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇ ئارىلىقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۈرىيەدە دەيرۇز زۇر رايونىدا سۇفىلەرگە تەۋە نۇرغۇن گۈمبەز ۋە مازارلىقلارنى ۋەيران قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. سۈرىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا تەۋە ھەربىي تەلىم بازىلىرىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقى، 8 مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە 40 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/4013/5ea5/18f0/653a1165d84d0.jpg?time=1718643663)
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە 5 مىليون دوللار قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.