شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دائىرىسى كېڭەيمەكتە

ھىندىستان، ئىران ۋە پاكىستاننىڭ كېلەر يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش يولى ئېچىلدى

124280
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دائىرىسى كېڭەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دائىرىسى كېڭەيمەكتە.
ھىندىستان، ئىران ۋە پاكىستاننىڭ كېلەر يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش يولى ئېچىلدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە چاقىرىلغان 14 - نۆۋەتلىك مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن قوشما باياننامە ئېلان قىلىندى.
باياننامىدە، تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىڭ رۇسىيەگە ئۆتكەنلىكى ۋە تەشكىلاتقا ئەزا قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
شۇنىڭ بىلەن، كۆزەتكۈچى دۆلەت سالاھىتىدىكى ھىندىستان، ئىران ۋە پاكىستاننىڭ كېلەر يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش يولى ئېچىلغان بولدى.
باياننامىدە، ئۇكرائىنادا تىنچلىقنىڭ قايتىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ۋە كىرىزىسنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن باياننامىدە مۇنداق دېيىلدى: «ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋەياكى تەشكىلاتلارنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئۆز ئالدىغا كېڭەيتىشى خەلقئارالىق بىخەتەرلىك ۋە ئىستىراتېگىيەلىك مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدۇ.»
باياننامىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
سۈرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ مەۋجۇت ئىچكى دىيالوگ دائىرىسىدە پەقەت دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىقلا ھەل بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياننامىدە، تەشكىلاتنىڭ، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى مەسىلىسىدە 1+5 دۆلەتلىرى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان مۇزاكىرىلەردە تېھراننى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر