مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرى قاتارنى تەرك ئېتىدۇ

قاتار مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن دۆلەتنى تەرك ئېتىشىنى تەلەپ قىلدى

124273
 مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرى قاتارنى تەرك ئېتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن دۆلەتنى تەرك ئېتىشىنى تەلەپ قىلدى.
قاتار، مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن 7 كىشىنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە دۆلەتنى تەرك ئېتىشىنى تەلەپ قىلدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قاتار تەرك ئېتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان كىشىلەردىن بىرى بولغان، ھۆرىيەت ۋە ئادالەت پارتىيەسى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى ئامر دەرراج، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، قاتارنىڭ، مىسىر خەلقىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى كۈرىشىنى قوللىغانلىقىنى ماختاپ، رايون دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن ئۆتكەلنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. دەرراج مۇنداق دېدى: «دۆلەتنى تەرك ئېتىشى تەلەپ قىلىنغان بىر قىسىم ھۆرىيەت ۋە ئادالەت پارتىيەسى بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىزگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان قاتارنى تەڭلىكتە قالدۇرماسلىق ئۈچۈن بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلدى.» دەرراج، ئىنقىلابنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىنىشى ئۈچۈن، مىسىر خەلقىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. قاتارنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن نېمىشقا دۆلەتنى تەرك ئېتىشلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر