ئىران خەلقئارا بىرلەشمىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران خەلقئارا بىرلەشمىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستىراتېگىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

122107
ئىران خەلقئارا بىرلەشمىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ھۆكۈمىتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى تەشكىللىنىدىغان خەلقئارا بىرلەشمىگە نۇرغۇن ئىشلارنىڭ تېخى ئايدىڭلاشمىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ نارازىلىق بىلدۈردى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى مەرزىيە ئافھام شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ناتونىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستىراتېگىيەسىنىڭ مەۋھۇملۇقلار بىلەن تولغانلىقىنى ۋە تەشكىلاتقا قارشى شەكىللىنىدىغان خەلقئارا بىرلەشمىنىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قىلىشىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئافھام مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە ئىككى يۈزلۈمىچىلىك ۋە ئايرىمچىلىق سىياسىتى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەمىشە تېررورىزىم ۋە رادىكاللىقتىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى جىددىي ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن رايون دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىمۇ رايون دۆلەتلىرى ھەمكارلىق ئورناتقان تەقدىردە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تېررورىزىم مەسىلىسىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر