ئافغانىستاندا سايلام مۇنازىرىسى قوزغالدى

ئافغانىستاندا ئىيۇن ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىلىرى ھازىرغىچە جەزىملەشمىدى.

121468
ئافغانىستاندا سايلام مۇنازىرىسى قوزغالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا پىرېزىدېنتلىق نامزاتلىرىدىن ئەشرەفگانى ئەھمەتزەي بىلەن سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمىغان يەنە بىر نامزات ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى چاقىرىق قىلدى. ئەشرەفگانى ئەھمەتزەي بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە ئىشىكىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئابدۇللاھ ئابدۇللاھقا، «بۇ دۆلەتنى تەرەققىي تاپقۇزۇش ئۈچۈن قول سىقىشايلى ۋە بىرلىككە كەلگەن ئافغانىستاننى گۈزەل كېلەچەككە ئىگە قىلايلى» دەپ چاقىرىق قىلىپ، بىر دۆلەتتە ئىككى پىرېزىدېنت بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھەر بىر بېلەتنىڭ ئۈچ قېتىم سانىلىپ قايتا – قايتا كونترول قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا ھەممە كىشىنىڭ سايلام نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ بولسا، سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئافغانىستاندا سايلام نەتىجىسىنىڭ 13 – سېنتەبىر ئېلان قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر