سۈرىيەدىكى ھۇجۇمدا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتلدى

ھۆكۈمەت ئەسكەلىرىنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭچىلارغا قارشى خىمىيەۋىيلىك قورال ئىشلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

120899
سۈرىيەدىكى ھۇجۇمدا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتلدى

 
سۈرىيەدە ھۆكۈمەت ئەسكەلىرىنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭچىلارغا قارشى قىلغان ھۇجۇمىدا 45 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئىسلامىي فىرونت تەشكىلاتى باياناتچىسى ئەنەس ئەبۇ بەشىر، ئەھرارۇششام قىسىملىرى رەھبىرى ھەسسەن ئاببۇد ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەل ھاماۋى بىلەن نۇرغۇن ساندا قوزغىلاڭچى گۇرۇپپا رەھبەرلىرى قاتناشقان رام ھامدان يېزىسىدىكى مەخپىي يىغىنغا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەبۇ بەشىر ھۇجۇمدا ئونلىغان قوزغىلاڭچى قىسىم قوماندانلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «رام ھامدان يېزىسىدىكى قوماندانلار قارارگاھى ھازىرگىچە دائىم دېگۈدەك مەخپىي تۇتۇپ كېلىنگەن ئىدى. پەقەت يۇقىرى دەرىجىلىك رايون قوماندانلىرى يىغىن ئېچىلغان جاينى بىلەتتى. بۇنچە مەخپىي يىغىن ئېچىلغان جايغا ھۇجۇم قىلغان كىشىلەرنىڭ نىشانى ئېنىق ئىدى» دېدى.
سۈرىيەدىكى قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك تەشكىلاتلاردىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان ئەھرارۇششام ھەركىتى، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
بۇ ھەرىكەت يالغۇز قوراللىق پائالىيەتلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مائارىپ ۋە ياردەم پائلىيەتلىرى بىلەنمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر