ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا روكېت بومبىسى سىناق قىلدى

ئاق دېڭىزدا روكېت بومبىسى سىناق قىلىندى.

119591
ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا روكېت بومبىسى سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئاق دېڭىزدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بىرلىكتە روكېت بومبىسى سىناق قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە بېرىلگەن باياناتتا، «ئىسرائىلىيە روكېت بومبىسى مۇداپىئە تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا روكېت بومبىسى مۇداپىئە ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئاق دېڭىزنىڭ ئاسمىنىدا Arrow 2تىپلىق قىرغۇچى روكېت بومبىسى سىناق قىلدى» دېيىلدى.
مىنىستىرلىك روكېت بومبىسى سىنىقىنىڭ پىلان بويىچە ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە 1962-يىلدىن باشلاپ ھەربىي جەھەتتىن قىلىپ كەلگەن ياردەم مىقدارىنىڭ 100 مىليارد دوللاردىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان ھارتىرىز گېزىتىدە ئامېرىكا مەجلىسىنىڭ بىر دوكلاتى ئاساس قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە قىلىنغان ھەربىي ياردەمنىڭ پەقەت مۇداپىئە مەقسەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكا مەجلىسى ئۆتكەن قېتىم ئىسرائىلىيەنىڭ روكېت مۇداپىئە سىستېمىسى تۆمۈر گۈمبەزنى رىمۇنت قىلىش دائىرىسىدە 225 مىليون دوللارلىق ياردەم قىلىشنى ماقۇللىغان، پىرېزىدېنت باراك ئوبامامۇ مەجلىسنىڭ قارارىنى ئىمزالىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر