شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنى باشلاندى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى باشلاندى

113827
 شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى باشلاندى.
ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىن دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ناھايىتى كۆپ ئۇچرىشىشلار كۈتۈپ تۇرماقتا.
ئەردوغان، گالېردا تۇنجى قېتىم گىرۇزىيە پىرېزىدېنتى گىئورگى مارگىۋېلاشۋىلى بىلەن كۆرۈشتى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۇنجى كۈنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان باشقا ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، باشقا رەھبەرلەر بىلەن كەچلىك تاماق زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.
كاردىف قەلئەسىدە بېرىلىدىغان كەچلىك تاماق زىياپىتىدىن كېيىن لىدەرلەر ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىدىكەن.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن بىلەن گالېر شاھزادىسى چارلىزدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشىدىكەن.
ئەردوغاننىڭ ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن ئېلىپ بارىدىغان كۆرۈشۈشى تەشكىل قىلىدىكەن.
ئەردوغاننىڭ ئوباما بىلەن ئەتە ئىشقا ئاشۇرۇشى مۆلچەرلىنىۋاتقان ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنى ئوغرىلىقچە تىڭشاش مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىشى كۈتۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر