سۇداندا كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىدى

سۇداندا ئىسيانچىلار بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىدى.

112041
سۇداندا كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي سۇداندا ھاكىمىيەت پارتىيەسىدىن ئايرىلغان «يەتتە كىشىلىك گۇرۇھ»، سۇداندىكى كىرزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 25-ئاۋغۇستتا ئىفوپىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ھۆكۈمەتلەرئارا تەرەققىيات ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان «يول خەرىتىسى»گە نارازىلىق بىلدۈردى.
ھۆكۈمەت بىلەن ئىسيانچىلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەرگە قاتناشقان «يەتتە كىشىلىك گۇرۇھ» خىتابنامە ئېلان قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئادىل تىنچلىق ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەرئارا تەرەققىيات ئالىي دەرىجىلىكلەردىن «يول خەرىتىسى»نى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشلىرىنى ۋە ئۆتكۈنچى دەۋىردە ھاكىمىيەتنىڭ جۇمھۇر رەئىس سالۋا كىئىر ماياردىت بىلەن باش مىنىستىرنىڭ ئورتاقلىشىشى ئۈچۈن ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى تەلەپ قىلدى.
باياناتتا، ماياردىتنىڭ سابىق ياردەمچىسى ۋە ئىسيانچىلارنىڭ كاتتىۋېشى رىيىك ماچارنىڭ «مەملىكەتلىك بىرلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى»دە ئورۇن ئالالماسلىقىنىڭ تىنچلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا پايدسى بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆكتىچىلەرنى قوللىغانلار تەرىپىدىن مەغلۇبىيەت قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
«يەتتە كىشىلىك گۇرۇھ» سابىق سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى باش كاتىپى پاگان ئامۇم، سابىق مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مەسئۇلى دېڭ ئالور، سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرى كىرىنو خىتېڭ ئوفۇخو، سابىق مالىيە ۋە ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى كوستى مانىبې، سابىق مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ماجاك داگوت، سابىق ۋاشىنگىتون ئەلچىسى ئېزېكىل لول گاتۇس ۋە سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ئوياي دېڭ ئاجاكتىن تەشكىل تاپىدۇ.
ئىفوپىيەنىڭ پايتەختى ئاددىس ئابابادا 25-ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا مەزكۇر يول خەرىتىسىگە جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن نىخىيال دېڭ بىلەن ئۆكتىچىلەرگە ۋاكالىتەن تابان دېڭ ئىمزا قويغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر