ئوباما ئى ش ئى د غا قاتتىق زەربە بېرىشكە چاقىرىلدى

ئامېرىكا مەجلىس باشلىقلىرى ئوبامانى ئى ش ئى د قا قاتتىق زەربە بېرىشكە چاقىردى.

110178
ئوباما ئى ش ئى د غا قاتتىق زەربە بېرىشكە چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتا ۋە ئالىي پالاتالىرىغا قاراشلىق ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرى پىرېزىدېنت باراك ئوبامانى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى تىگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىردى.
مەجلىس باشلىقلىرى ناۋادا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى تىگىشلىك تەدبىرلەر ئېلىنمىسا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياكى ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
بىرى جۇمھۇرىيەتچى، يەنە بىرى دېموكراتچى بولغان ئىككى مۇھىم مەجلىس ئەزاسى، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى ھۇجۇم نىشانىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياكى غەربىي ياۋروپا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار پىرېزىدېنت باراك ئوبامادىن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن تىگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىردى.
ئاۋام پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتى باشلىقى جۇمھۇرىيەتچى مايىك روگېرىس، ئوبامانىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. روگېرىس ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى سېپىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئامېرىكىقلارنىڭ، ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندە تەھدىت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئوبامانى ئاگاھلاندۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر